UyghurMain Dictionary
كۆشۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەر سېلىپ قويۇلىدىغان، توشۇلىدىغان سايمان.
«تەۋەڭ» ياپىلاق بولىدۇ.
«كاجىۋا» ئاساسەن ئات - ئۇلاغقا ئارتىپ، ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۈكەندە ئاش، كاجىۋادا باش. توكاڭ ئاشلىققا تولۇق. ئاشنى باراڭدىن سوراڭ، ئىشنى كارداندىن. باينىڭ كۆشۈكىدە سۇ توختايدۇ. تەۋەڭلەردە نان تىزىلغان. زەمبىلدە ئوغۇت توشۇدۇق.
شىۋىلەر
كۇلادىن تۇقۇلغان تور قاپ (تاغار).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چىغ ۋە كۇلىدىن تور شەكىلدە توقۇلىدىغان تاغار.