UyghurMain Dictionary
كۆشىگۈچىلەر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
جۈپ تۇياقلىقلاr ئىچىدىكى بەزى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى چوڭ قېرىن، ئۆپكە ئاغزى، توققۇز تونلۇق ۋە شىرداندىن ئىبارەت تۆتكە بۆلۈنىدۇ. ئوزۇق يوتۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن چوڭ قېرىنغا، ئاندىن ئۆپكە ئاغزىغا ئۆتىدۇ، ئۇندىن كېيىن قايتا ئېغىزغا قايتۇرۇلۇپ يۇمشىتىلىدۇ، ئاندىن توققۇز تونلۇق، شىردانغا ئۆتۈپ ھەزىم قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كالا، قوي، بۇغا قاتارلىقلار. بەزىلىرىنىڭ ئاشقازىنى ئۈچكە بۆلۈنۈپ، توققۇزتونلۇق بىلەن شىردان بىرلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا تۆگە مىسال بولالايدۇ.