UyghurMain Dictionary
كۆشۈگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك، دەرىزە، كارىۋاتلارغا توسۇش ئۈچۈن ياكى زىننەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس رەخت، تور.
دېرىزىگە پەردە كېرەك، ئاتا - بالا ئوتتۇرسىدا پەردەشەپ كېرەك. قىز يىگىتنى چىمىلداقتا تونۇيدىغان ئىشلار بار ئىدى. يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ، تويىڭىز بولدى، ئالتۇن گۈللۈك كۆشۈگە ئۆيىڭىز بولدى. كۆشۈگىدە كۆرۈشكەن چاغ ئەستىن چىقمىسا، ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. چارشاپ تارتقان ئۆي كېلىننىڭ .
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
پەردە، چىمىلدىق. مەسىلەن:
يىغلىماڭ قىز، يىغلماڭ قىز،
تويۇڭىز بولدى.
ئالتۇن گۈللۈك كۆشۈگە،
ئۆيىڭىز بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كارىۋاتقا تارتىلىدىغان پەردە، چىمىلدىق.
ئەتلەس توقۇشتا موكىنىڭ دۇكان ئورىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىلغان رەخت.