UyghurMain Dictionary
كيۇرىي خانىم
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1934) فرانسىيىلىك خىمىيە ۋە فىزىكا ئالىمى. پولەك. ئەسلى ئىسمى مارې سىكلودوۋىسكا. ۋارشاۋادىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 1891-يىلى پارىژ داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. 1895-يىلى پېئېرې كيۇرې بىلەن توي قىلپ، بىرلىكتە رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پولونىي ۋە رادىيدىن ئىبارەت تەبىئىي رادىئوئاكتىپلىق ئىككى خىل ئېلېمېنتنى تاپقان. 1903-يىلى ئەر - خوتۇن ئىككىسى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1906-يىلى ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىلمىي تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1911-يىلى يەنە خىمىيە پېنى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <رادىئوئاكتىپلىق ماددا ئۈستىدە تەتقىقات>قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.