UyghurMain Dictionary
كيۇرىي
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1906) فرانسىيلىك فىزىكا ئالىمى، يېقىنقى زامان رادىئوئاكتىپلىق ماددا ۋە ئاتوم تۈزۈشى تەتقىقاتىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 16 يېشىدا پارىژ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، فىزىكا ئۆگەنگەن. 19 يېشىدا پارىژ تەبىئىي پەن شۆيۈەنىدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە تەجرىبە يېتەكچىسى بولغان. 1880 - يىلى ئىنىسى ياك بىلەن كرىستالنىڭ فىزۇ ئېلېكترىك ھادىسىسىنى بايقىغان. 1891 - يىلى ماگنىتلىق ماددىنىڭ ماگنىتسىزلىنىش تېمپېراتۇرىسى - كيۇرىي نۇقتىسى ۋە كيۇرىي قانۇنىنى (يەنى ماگنىتلىق ماددىنىڭ كيۇرىي نۇقتىسىدا ماگنىتلىنىش كوئېففىتسېنتى مۇتلەق تېمپۇراتۇرا بىلەن تەتۈر نىسبەتلىك بولۇش قانۇنى، 1907 - يىلى ۋېس تەرىپىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن) بايقىغان. ماگنىتلىق ماددا تەتقىقاتىغا بولغان ئورتاق قىزىقىش فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان پولشالىق قىز ئوقۇغۇچى مارېي سىكلودوۋىسكا بىلەن كيۇرىنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە 1895 - يىلى ئىككىسى توي قىلغان. بېككلېرنىڭ ئوران رادىئوئاكتىپلىق ھادىسىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئەر - خوتۇن كيۇرىيلار جاپالىق تىرىشىپ، ئاقىۋەت پولونىينى ۋە رادىينى تاپقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاتوم دۇنياسىنىڭ ۋە رادىينى تاپقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاتوم دۇنياسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، دەۋر بۆلگۈچلۈك تۆھپە كۆرسەتكەن. 1903-يىلى ئەر - خوتۇن كيۇرىيلار ۋە بېككلېر نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1904-يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1905-يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاكادېمىك بولۇپ سايلانغان. 1906-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پارىژ كوچىسىدا بىر پەيتۇنغا سوقۇلۇپ كېتىپ، بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
خىمىيە
راىئو ئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Curium)Cm. ئادەتتە ئۇ سۈنئىي ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىلىرىدە ئىسسىقلىق ئېلېكتر مەنبەسى قىلىنىدۇ.