UyghurMain Dictionary
كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى
Domain: دۇنيا تارىخىكوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى كيولىن ياچېيكىسى قۇرغان ئاشكارا ئاممىۋى تەشكىلات. 1848 - يىل 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گوتساك تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى قول سانائەتچىلەر. ئاساسىي رەھبەرلىرى <كوممۇنىزمچىلاrر ئىتتىپاقى> نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق شەخسلەردىن مولل، ساپپېر قاتارلىقلار بار. دەسلەپتە، گوتساكنىڭ تەسىرى بىلەن، كۈچلۈك مەزھەپچىلىك خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، پرولېتارىياتنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن پرۇسسىيە ئىتتىپاق پارلامېنتىنى چەكلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، دەرھال <ئىشچىلار جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن، ماركىس ۋە ئېنگېلسنىڭ ياردىمى ۋە تەربىيىسى ئارقىسىدا، سىياسىي لۇشيەندە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن. 1848 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، ماركس بىر مەزگىل بۇ بىرلەشمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1848 - يىلى قىشتا، گوتساك قاتارلىقلار بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغان. 1849 - يىلى 2 - ئايدا قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، ساپپېر رەئىس بولغان. گېرمانىيە ئىنقلابىي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىيەتچى دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كيولىندىن ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان، نەتىجىدە بۇ تەشكىلات ئىشچىلارنىڭ ئادەتتىكى تەربىيىۋى تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قالغان. <كيولىن ئىشچىلار بىرلەشمىسى ژورنىلى> ناملىق ئورگان ژورنىلى بولۇپ، كېيىن <ئەركىنلىك، مېھرىبانلىق ۋە مېھنەت> گېزىتىگە ئۆزگەرتىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.