Chinese→UyghurMain Dictionary
克里斯蒂安四世
دۇنيا تارىخى
كرىستىئان Ⅳ
(1577 - 1648) دانىيە - نورۋىگىيە كورۇلى (1588 - 1648). فرېدرىخ Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاپىسى نايىب بولغان. 1596 - يىلدىن تارتىپ ئۆزى سورىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە تەدبىر قوللىنىپ سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، كوپىنھاگېن پورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان، يېڭى شەھەرلەنى بەرپا قىلغان. ھانزا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ، گوللاندىيىدىن يېڭى تېخنىكا كىرگۈزگەن ھەمدە كۈچلۈك دېڭىز ترانسپورت فلوتىنى بەرپا قىلغان. 1619 - يىلى يىنىس مونكىنى ئەۋەتىپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئاچقان. ھىندىستاندىكى ترانكېبارنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. يەنە ئۈچ ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنى گرىنلاندىيە ئارىلىغا ئەۋەتىپ يېڭىۋاشتىن مۇستەملىكە ئالاقە ئورنىتىپ، گرىنلاندىيە شىركىتىنى قۇرغان. 1611 - 1613 - يىللىرى شۋېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىن <30 يىللىرى ئۇرۇش> قا قاتناشقان. شۋېتسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1645 - يىلى، شۋېتسىيە بىلەن <بريومىسېبرو شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، بىر قىسىم زېمىنىنى شۋېتسىيىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئۇنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتكەن.