Chinese→UyghurMain Dictionary
克里斯蒂安.希享斯
Domain: دۇنيا تارىخىكرىستىئان ھىيگېنس
(1629 - 1695) گوللاندىيىلىك فىزىك، ماتېماتىك، ئاسترونوم. ئۇنىڭ بوۋىسى، ئاتىسى، ۋە چوڭ ئاكىسى ئۇزاق ۋاقىت كورۇل ئوردىسىدا ئەمەل تۇتۇپ كەلگەن. ياش ۋاقتىدا ئوبدان ئائىلە مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن. 1645 - 1649 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، لېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورانىسكى ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، لۇئى ⅣⅩ نىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن، ئىلىم - پەن جەھەتتە خېلى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇپ، ماياتنىكنى كەشىپ قىلغان. ساتۇرن گەردىشى، ئورىئون يۇلتۇزلار تۈركۈمى (ئاسماننىڭ ئېكۋاتور قىسمىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمى)نى تاپقان، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلغان ھەمدە نۇرنىڭ دولقۇن نەزەرىيىسىنى شەرھلەپ بەرگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.