Chinese→UyghurMain Dictionary
克里斯蒂安九世
دۇنيا تارىخى
كرىستىئان Ⅸ
(1818 - 1906) دانىيە كورۇلى (1863 - 1906). تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي <نويابىر ئاساسىي قانۇنى> (1863 - يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى دانىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان شىلېزۋىگنى دانىيىگە قوشۇۋېلىش پەرمانى)غا ئىمزا قويغان. كېيىن 1864 - يىلى دانىيىنىڭ پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، شىلېرۋىگ، گولىشتېين، لاۋنىبۇگدىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىكىدىن مەھرۇم بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مۇتەئەسسىپلەر تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەزىر ئېسترۇپ (1825 - 1913) نىڭ <ۋاقىتلىق سىياسىتى> (ئۇنىڭ سىياسىي پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دائىم كابىنت بىلەن كورۇل ئىمزالىغان <ۋاقىتلىق پەرمان>غا تايىنىپ، سىياسىي ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان)نى قوللاپ، دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلغان. 1901 - يىلدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋامىدا، سول قانات كابېنت تەشكىل قىلىشقا ماقۇل بولۇشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دانىيىدە ئاخىرى پارلامېنت تۈزۈمى تىكلەنگەن