UyghurMain Dictionary
كاتېپسىن
بىئولوگىيە
ھايۋان توقۇلمىلاردىكى ئاقسىللارنى گىدرولىزلىغۇچى ھەر خىل ئېنزىملارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. ھايۋانلار ئۆلگەندىن كېيىن توقۇلمىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېرىپ كېتىشى ئاساسەن مۇشۇ خىلدىكى ئېنزىملارنىڭ رولىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاكتىپلىقى جىگەر، بۆرەك، تال ھۈجەيرىلىرىدىكى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىلىرىدە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. كاتېپسىن B ۋە C لار خوندىرىئوسوما بىلەن قىسمەن بىرىكىدۇ. 105000 × g دا سېنتزىفۇگلانغان ئۈستۈنكى ئېرىتمىسىدە بۇ ئىككى خىل ئېنزىمنى تورمۇزلايدىغان تورمۇزلىغۇچى بولىدۇ. ئاساسىي ماددىنى گىدرولىزلاشتىكى مەخسۇسلۇقى خىموترىپسىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇ بىر ئەركىن a - ئامىن رادىكالىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى دى پېپتىدلارنى N - ئۇچىدىن گىدرولىزلايدىغان بىر خىل ئامىنو پېپتىدازا دەپ قاراشقا بولىدۇ. سۇلفىدلىق، سىئاندىلىق بىرىكمىلەر C ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرغۇچىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى يودلۇق سىركە كىسلاتاسى پۈتۈنلەي تورمۇزلايدۇ. كاتېپسىن B سۇلفىدلىق بىرىكىملەرگە مۇتلەق ئېھتىياجلىق بولىدۇ، سىئانىدلىق بىرىكمىلەر ئاكتىپلاشتۇرمايدۇ. 0.001M لۇق يودۇئاتسېتو ئامىن B ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى پۈتۈنلەي تورمۇزلايدۇ، لېكىن سىستىن بىلەن يەنە خالاس بولۇشۇپ كېتىدۇ.