UyghurMain Dictionary
كاتېگورىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
<پەلس> ئادەم تەپەككۇرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى. ھەر قايسى پەندە شۇ پەنگە تەۋە بولغان ئاساسىي كاتېگورىيىلەر بولىدۇ. مەسىلەن، بىرىكمەك، بىرىكمە، پارچىلىنىش قاتارلىقلار خىمىيە ئىلمىنىڭ كاتېگورىيىلىرىدۇر؛ تاۋار قىممىتى، ئابستراكت ئەمگەك، كونكرېت ئەمگەك دېگەنلەر سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ كاتېگورىيىلىرىدۇر؛ ماھىيەت ۋە ھادىسە، شەكىل ۋە مەزمۇن، مۇقەررەرلىك ۋە تاسادىپىيلىق دېگەنلەر ماتېرىيالىزملىق دىئالېكتىكىنىڭ ئاساسىي كاتېگورىيىلىرىدۇر.
بىر خىل نەرسىلەر، ھادىسىلەر تۈركۈمى، تۈرى.