UyghurMain Dictionary
كاتىلىنا ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
يەنە كاتىلىنا سۈيقەستى دەپمۇ ئاتالغان. رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، كاتىلىنا باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. سېرگى كاتىلىنا ئاقسۆڭەكلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سوللانىڭ قوللىغۇچىسى. ئۇ مىلادىدىن 68 يىل ئىلگىرى چوڭ سودىگەر بولغان، ئىككىنچى يىلى ئافرىقا پروۋىنتىيىسىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. مىلادىدىن 66 يىل ئىلگىرى رىمغا قايتىپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كراسسۇس، كائېنار قاتارلىقلار بىلەن بىللە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكىتى كۆرۈلمىگەن. مىلاددىدىن 64 يىل ئىلگىرى كونسۇللۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، سايلىنالماي قالغان (تىستىسېرو سايلانغان) ئىككىنچى يىلى يەنە كونسۇللۇق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ باي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىش، يەرنى تەقسىىم قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما تىستىسېرو قاتارلىقلارنىڭ سايلامغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، يەنە مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭ سودىيە لېنتۇلۇس قاتارلىقلار بىلەن بىللە سوللانىڭ بىر تۈركۈم كونا ئەسكەرلىرى (ھەربىي سەپتىن بوشانغان) بىلەن پۇقرالار ئاممىسىنى تەشكىللەپ، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى پىلانلىغان. ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەتراپلىق بولمىغانلىقى ۋە پىلانى ئاشكارلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى 11 - كونسۇل تىستىسېرو سېناتتا ئاتاقلىق <كاتىلىنا سۈيقەستىگە قارشى> نوتۇقنى سۆزلىگەن ھەمدە سېناتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا ئاۋۋال قول سالغان، يەنى كاتىلىنا قاتارلىقلارنى قولغا ئېلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بويرۇق بەرگەن. كاتىلىنا ئالدىراپ - تېنەپ تەشكىللىگەن 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ قارشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئېرۇرىيىنىڭ شىمالىدىكى پىستورىيىدە ھۆكۈمەت قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۆزى جەڭدە ئۆلگەن. بۇ ۋەقە رىم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.