UyghurMain Dictionary
جىن خۇڭجى
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1896) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەگىللىرىدىكى باش ۋەزىرى (1894 - 1895، 1895 - 1896). دەسلەپكى ئىسمى خۇڭجى، تەخەللۇسى جىڭ نىڭ، لەقىمى داۋيۈەن. چىڭجۇ ۋىلايىتىدىن. 1868-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1880-يىلى ياپونىيىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ جۇڭگولۇق خۇاڭ زۇنشيەن يازغان <چاۋشيەن تاكتىكىسى> دېگەن كىتابنى ئەكىلىپ كەڭ تارقاتقان. 1884-يىلى سىئول ھۆكۈمىتىدە سوراقچى بولغان. 1894-يىلى ياپونىيىگە تايىنىپ باش ۋەزىر بولغان، ئىكىنچى يىلى <ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش> بىلەن ياپونىيە كۈچلىرىنىڭ ۋاقتىنچە چىكىنىشى تۈپەيلىدىن تەختتىن چۈشكەن. 1895-يىلى بانو مىنفېي سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ دايۇەنجۈن ۋە ياپونىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەنە ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ باش مىنىستىر بولغان، ئىككىنچى يىل روسىيە پەرەسلەرنىڭ پادىشاھنى ئالداپ روسىيە كونسۇلخانىسىغا ئەپكەتمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چىڭفۇگۇڭ ئوردىسىغا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ قەتلى قىلىنغان