UyghurMain Dictionary
جىن سۇڭ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1623) ۋيېتنام جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلىرى مەزگىلىدە جەنۇبىي سۇلالىلەر ( كېيىنكى لى سۇلالىسى) نىڭ چوڭ سانغۇنى. جىن جيەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1570-يىلى، ئۇ دادىسىنىڭ ھەربىي ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان. شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ خانى مۇشى بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇرۇش قىلغان. 1592-يىلى شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ پايتەختى شىڭلۇڭ ( ھازىرقى خانۇي) نى ئىشغال قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەنۇب ۋە شىمالنىڭ قارشىلىشى ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگەن. كېين ئكزىنى ئەلنى خاتىرجە قىلغۇچى خان دەپ ئاتاپ، مەھكىمە تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ جىمى ھوقۇقىى ئىگىلىۋالغان. پادىشاھ قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جىن جەمەتى خانلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھاكىمىيەت سوراپ، جىن بېگىم دەپ ئاتالغان <لى جەمەتى پادىشاھ بولغان، جىن جەمەتى ھاكىمىيەت سورايدىغان> مەزگىل باشلانغان، بۇ ئارىلىقتا جەنۇبتىكى رۇۋەن جەمەتى بىلەن تىركىشىپ ئۈستۈنلۈكنى تالاشقان.