UyghurMain Dictionary
جىن جېڭخاۋ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1864) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇغراپىيون. تەخەللۇسى بوۋىن، لەقىمى گۇشەنزى، خۇاڭخەيدا ۋىلايىتىدىن. 1834-يىلى چاۋشيەن خەرىتىلىرى توپلىمى <چىڭچۇ خەرىتىسى> نى تۈزگەندىن كيېىن، تەخمىنەن 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چاۋشىيەننىڭ پۈتۈن يېرىنى ئايلىنپ چىققان. 1861-يىلى تولۇق. مۇكەممەل بولغان <شەرقتىكى دۆلەت ۋە خەرىتە> ناملىق 32 توملۇق كىتاب يېزىپ چىققان. بۇ كىتابلار سودا - قاتناش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. لېكىن بېكىنمىىچلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. دايۇەنجۈن تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنغان. <شەرقتىكى دۆلەت ۋە خەرىتە> ناملىق كىتابى چاۋشيەننىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان، دەپ قارىلىنىپ تۇنجى نەشرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئۆزى قاماقتا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەن.