UyghurMain Dictionary
جەنۋە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
(1) 1954-يىل 7-ئاينىڭ 20 - 21-كۈنلىرى جەنۋە يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ھىندىچىنى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ، <ۋيېتنامدا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى وتختىتىش توغرىىدىكى كېلىشىم>، <لائوستا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىم>، <كامبودژادا دۈشمەنلىشى ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدكى كېلىشىم>، <جەنۋە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامىسى> قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋيېتنام، لائوس، كامبوردژانىڭ مۇستەقىلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق؛ ۋېيتنام، لائوس، كامبوردژا ھەر قانداق ھەربىي ئىتتىپاققا قاتناشماسلىق شۇنداقلا چەت ئەللەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق؛ پۈتۈن ھىندىچىنى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەمد بىرلەشمە كومىتېت ياكى خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇش توختىتىشنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئورگىنى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يىغىنغا جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلاىيە، فرانسىيە، سيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، لائوس، كامبودژا ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قاتناشقان. ئامېرىكا <جەنۋە يىغنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىتابناىسى> غا قول قويۇشتىن باش تاتقان، لېكىن <تىنچىلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقى> نى، <تەھدىت ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىپ> كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. كېيىن ئامېرىكا بۇ ۋەدىسىگە خىلاپل؛ىق قىلىپ، كېلىشىمنى بۇزغان. (2) 1962-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى لائوس مەسىلىسى توغرىسىدا جەنۋە يىغىنىدا ئىمزالىغان كېلىشىم، بۇ، <لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامە>ۋە <لائوسنىڭ بىتەرەپلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنىڭ كېلىشىمنامىسى> نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېلىشىمگە جۇڭگو، جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ھىندىستان، كانادا، پولشا، لائوس، كامبودژا، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، تايلاند، بىرما ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قول قويغان. كېلىشىمدە لائوسنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ھەمدە ئنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن؛ لائو ھەر قانداق ھەربىي ئىتتىپاق ياكى بىرلەشمىنى، جۈملىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئىتتىپاق ياكى بىرلەشمىنى، جۈملىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى <ھامىيلىق> قا ئېلىشنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قورال كۈچى ياكى قوراللىق تەھدىت ئىشلەتمەسلىكى ياكى لائوسنىڭ تىنچىلىقىغا زىيغان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرقاندق چارە - تەدبىرنى يولغا قويماسلىقى بەلگىلەنگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا بۇ كېلىشىمنى بۇزغان.