UyghurMain Dictionary
جەن يىڭپېڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1572 - 1653) مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۆلىما. تەخەللۇسى چۇڭنەن. جاڭشى يىڭچېڭلىق. خۇيزۇ، دادىسى جەن يى ئوردىدا ئەمەلدار بولغان. جاشىندا ئامبال، جاخۇدا لەشكەر بېشى، جېجاڭدا مەسلىھەتچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەمەل تۇتقان مەزگىلدە مۇسۇلمانلارغا دائىر كىتابلارنى يىغىپ رەتلىگەن. ياشىنىپ قالغانلىقتىن 1631 - يىلى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بەش يىلدا بىر نەچچە كىتاب يازغان. جۇڭگونىڭ يولشۇناسلىقى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى مۇرەسسە قىلدى. ئىسلام دىنىنى <ئەقىدە> ۋە <تەرىقەت> تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە ئايرىدى. <تەرىقەتنى سۆزلىگىلى بولمايدۇ، ئەقىدىنى سۆزلەشكە بولىدۇ> دېدى. <ئاسمان ئىلاھىغا تەزىم بەرمەك>، <>قۇرئان كەرىم< نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يازغان> دېگەندەك گەپلەرنى تۈزەتتى. كېيىن ئىسلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.