UyghurMain Dictionary
جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات بولۇپ، 1984 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى فىجىنىڭ سۇۋا شەھىرىدە. مەقسىتى: بۇ رايوندىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتقا فىجى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى، يېڭى زىلاندىيە ئىسلام جەمئىيىتى ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە ئىسلام مۇدىرىيەت ئىتتىپاقى، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيە ئىسلام جەمئىيىتى، يېڭى كالېدونىيە ئىسلام جەمئىيىتى، تونگا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئەزا بولدى.