UyghurMain Dictionary
جاڭ جيې
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى، خۇيزۇ. خېبېي ساڭشيەنلىك. 1935 - يىلى ساڭشيەن مەسچىتىدە ئەرەب تىل - يېزىقى ئۆگەندى ۋە ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى ئوقۇدى. 1937 - يىلى يەنئەنگە بېرىپ، مىللىي دىنىي خىزمەت ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللاندى. 1938 - يىلى گەنسۇدىكى لەنجۇ، يۈيجۇڭ، ۋېيشەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يۈيجۇڭ، ۋېيشەنلەردە مۇسۇلمانلار تەلىم - تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ، يۈيجۇڭ ناھىيىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىم - تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولدى. 1941 - يىلى تەكلىپ بىلەن يەنئەن مەسچىتىدە مۇپتى بولدى ھەمدە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونىدىكى خۇيزۇلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولدى. بېيجىڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، مائارىپ تارماقلىرىدا ئىشلىدى. 1950 - يىلى غەربىي - شىمال مىللىي ئىشلار كومىتېتىدا ئىشلىدى. 1952 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشتى. 1953 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، باش كاتىپى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئىسلام دارىلفۇنۇنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ بىرنەچچە قېتىم مەككىگە باردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پاكىستان، ھىندونېزىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام يىغىنلىرىغا قاتناشتى. مىسىر، سۇدان، ئىراق، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - مىسىر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، 4 -، 5 -، 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى بولدى.