UyghurMain Dictionary
جاڭ جۇڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس. جاڭسۇ گۇسۇ (ھازىرقى سۇجۇ) لىق. خۇيزۇ. كىچىكىدىن ئىسلام دىنىنى ۋە كۇڭزىچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان. كېيىن لىڭتۇڭدىكى مۇددەرىس جاڭ شياۋ شەندىن تەربىيە ئېلىپ، كامالەتكە يەتكەندىن كېيىن جاڭسۇدىكى سۇجۇ، ياڭجۇ قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىك قىلدى. 1638 - يىلى نەنجىنگە بېرىپ ھىندىستانلىق ئاشىقتا ئۈچ يىل ئوقۇدى. ئىلمىي تەۋھىدنى تەتقىق قىلدى. <كەلىمە ئىزاھاتى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز>، <ئىمان ئەقىدىسى>، <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئەنىڭ تەرجىمە يەشمىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.