UyghurMain Dictionary
جاڭ زىۋېن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام ئاخۇنى، پىداگوك، لياۋنىڭ بېڭشىلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇغان. كېيىن خەي سىفۇ، مايۇلىنلارنىڭ قولىدا ئەرەب، پارس تىلى - يېزىقىنى ۋە ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى ئوقۇدى. گۇاڭشۈينىڭ 24 - يىلى (1898) مەدرىسىنى پۈتتۈرۈپ ئاخۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. 1908 - يىلى بېيجىڭدا تۇنجى <ئىسلام مەدەنىيەت ئىپتىدائىي مەكتىپى> نى ۋە جۇڭگودىكى خەنزۇ تىلىدا دىنىي دەرس ئۆتۈلىدىغان تۇنجى ئالىي مەكتەپنى ئېچىپ، ئەرەب تىلى ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. 1912 - يىلى بېيجىڭدىكى خۇاسى مەسچىتىگە ئىمام بولدى. شۇ يىلى ۋاڭ كۇەن، خۇدېشەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن جۇڭگو ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى. 1915 - يىلى دۇڭسى مەسچىتىنى قايتىدىن سېلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1919 - يىلى شېنياڭ مەسچتىگە قايتىپ باردى. 1929 - يىلى بېيپىڭ چىڭداۋ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولدى. بيېپىڭدا تۇرغان مەزگىلدە <بېيپىڭ مىنباۋ>، <ئىسلام ژۇرنىلى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارنى چىقىرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقاتتى. 1936 - يىلى فېڭخۇا(ھازىرقى شېنياڭ) دا خۇسۇسىي ئىسلام مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى ئېچىپ، مۇدىر بولدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شېنياڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەسىلىھەتچىسى، جۇڭگونىڭ ئىسلام جەمئىيىتى شەرقىي شىمال شۆبىسىنىڭ مۇدىرى بولدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا ئىمام ۋە خۇيزۇلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولدى. ئوقۇتۇش تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، پەزىلەت تەربىيىسىنىمۇ تەكىتلىدى. <ئىسلام تارىخى>، <لېيمىن دۇمبىقى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان گېزىتلەردە ئېلان قىلدى.