UyghurMain Dictionary
يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر
Domain: بىئولوگىيەباشقا جانلىقلارنىڭ تېنىگە يېپىشىۋالىدىغان، بىراق ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئوزۇقلۇق مۇناسىۋىتى بولمايدىغان ئۆسۈملۈكلەر. مەسىلەن، يۈسۈنلەر، لىشاينىك، مۇخ ۋە پاپوروتنىكلاردىن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرگىچە بولغان ئۆسۈملۈكلەردە بۇخىل ئەھۋال بار، بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال پاپوروتنىكلار بىلەن تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆپرەك. يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر ئىسسىق بەلباغدىكى نەملىك دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورمانلىق ئىچىدە كۆپرەك ئۆسىدۇ، سۇپتروپىك بەلباغدىكى سايە نەم ئورمانلىقتىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، دەرەخ غولىدا بىرقانچە ئون سانتىمېتىردىن بىر قانچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەن ئۇشنە، دېىدروبىئۇم ئوتى، قۇش چاڭگىسى ئوتى، لىشاينىك، مۇخ قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.