UyghurMain Dictionary
يېپىشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ياپماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر دەرۋازىلىرىنى مەھكەم يېپىشىپ ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھىم چاپلاشماق، مەھكەم يەملىشىپ ئورناشماق، چاپلاشماق.
ئۇ چاپىنىغا يېپىشىپ قالغان بىر تال يىپنى ئېلىۋەتتى.
كۆچمە. بىر - بىرىگە تېگىپ تۇرماق، يېقىن تۇرماق؛ قويۇق ئالاقىدا بولماق، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماق.
ئۇ بىزگە تازا يېپىشماي تۇرىدۇ.
كۆچمە. بىرەر نەرسىگە مەلۇم بىر مۇددىئا بىلەن ئېسىلىۋالماق، شۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالماق، پېشىگە ئېسىلماق.
يېپىشقاق خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا (ماقال).
كۆچمە. تىك ياكى ئېگىزرەك نەرسىلەرگە ياماشماق.
ھېلىقى بالا بارغان پېتى ھېلىقى سۆگەتكە يېپىشتى.