UyghurMain Dictionary
يېپىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېپىلغان، يېپىپ قويۇلغان.
ھېلىقى كىشى ئاتنى بۇلۇڭدىكى ئۈستى يېپىق ئوقۇرغا باغلاپ، خۇرجۇننى ئالدى.
كۆچمە. مەخپىي، ئوچۇق - ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن.
- ئۇلار پالۋاننى يوقىتىۋەتسە، سىر يېپىق قېلىۋېرىدۇ، - بۈركۈتبەگ يەنە بىر ئايلىنىپ كېلىپ كەنجىبەگنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
خالىغانلا ئادەم قاتناشسا بولمايدىغان، مەخسۇس بەلگىلەنگەن كىشىلەر قاتنىشىدىغان، ئادەم سانى چەكلىنىدىغان.
يېپىق سوت.