UyghurMain Dictionary
يېلىنجىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يالقۇنلىماق، يالقۇنلاپ ئىسسىق تەپتى ئەتراپقا تارالماق، كۈچلۈك ئىسسىقلىق تارقاتماق.
ئۇلار گۇگۇم چۈشۈشى بىلەنلا يىراقتا ئوت يېلىنجاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىسسىقلىق تاۋلانماق، قۇياش نۇرىدا يالتىراپ كۆرۈنمەك.
يەتتىنچى ئاي، ئەتراپ خۇددى تۇنۇردەك يېلىنجايتتى.
كۆچمە. كۈچەيمەك، تېخىمۇ ئۇلغايماق، ئەۋجىگە چىقماق، يۇقىرى پەللىگە يەتمەك.
قەلبىمدىكى بۇ ئەزىز تۇپراققا بولغان سۆيگۈ ئوتى باشقىچە يېلىنجىدى.