UyghurMain Dictionary
يېلىن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈت بېرىدىغان ئەزاسى.
يېلىنى چوڭ، يېلىنلىق. * ئىنەكنىڭ چىققان سۈت يېلىنىغان قايتماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يېلىنماق، يېلىنىش. يالۋۇرماق.
نامەردكە يېلىنما (ماقال).
كىشىگە يېلىنساڭ، ئۆزۈڭنى خار قىلىسەن،
كىشىنى يېلىندۇرساڭ، ئۇۋال قىلىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلار ۋە سۈت ئەنگۈزگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ سۈت بېزى ئورۇنلارشقان ئەزاسى.
«يېلىن» ھايۋانغا قارىتىلىدۇ.
بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس. ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر. كىچىك بالا ئەمەسمەن، «ئەمچە» نى «مەمە» ، «مەمەق» دېگىلى. نېپىز كۆڭلەك ئاستىدا تولۇق كۆكسى لىغىلداپ تۇراتتى. ھېچكىم يىلانغا ئۆز كۆسىدىن جاي بەرمەيدۇ. يېلىندىكى سۈت ئېچىماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېلىن.
بايتال يېلىنى. ھەممە تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ يېلىنلىرىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
3 - 28
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
ئايال كىشى ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلار تېنىدە بولىدىغان سۈت ئاجرىتىش ئورگىنى، سۈت بېزى، ئەمچەك.