UyghurMain Dictionary
يېلىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇلاش، يېپىشتۇرۇش، چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېپىشقاق ماددا.
<يېلىم> قارىغاي ۋە باشقىلاردىن ئېلىنىدۇ، تەبىئىي.
<مۇڭقۇي> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھەممىگە بىلىم كېرەك، ياغاچچىغا يېلىم. شىلىم ئەتسەڭ سۇيۇق ئەت، قويۇق ئەتسەڭ چاپلاشمىسا دەرد.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخنىڭ غولى ياكى شاخلىرىدىن سارقىپ چىقىپ قېتىپ قالىدىغان بىر خىل يېپىشقاق نەرسە.
جىگدە يېلىمى. ئۆرۈك يېلىمى. شاپتۇل يېلىمى.
نەرسىلەرنى بىر - بىرىگە ئۇلاش، بىرىكتۈرۈش، چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېپىشقاق سۇيۇقلۇق.
يېلىم تەييارلىماق. يېلىم سۈركىمەك. يېلىم چاپماق.