UyghurMain Dictionary
يائاللا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىي ئاللاھ، ئەي خۇدا، خۇدايا> دېگەن مەنىدە، خۇداغا مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ.
— ئاياللا، ئارسلانلىرىمىزغا كۈچ - غەيرەتنى يار قىلغانسەي، كۆپچىلىكنى ئامان قىلغايسەن،— دېدى بوۋاي نالە قىلىپ.
ھەيران بولۇش، زوقلىنىش، ھاياجانلىنىش، تېڭىرقاش، قورقۇش، زارلىنىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
كەينى - كەينىدىن ئۈزۈلمەستىن كەلگەن جامائەت تۆت يۈز چارەك گۈرۈچنىڭ ئېشىنى چۈش - پېشىنگە قالماي يەپ بولدى… يائاللا، يۇرت دېگەن مانا شۇنداق تولا گەپ ئىكەن.
— يائاللا سەن بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن،— دېدى سۇلايمان بەكرىگە قاراپ.
— يائاللا، يېزىپ بولدۇم دەيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدىكەن - ھە؟— دېدى زەپەر كايىغان تەلەپپۇزدا