UyghurMain Dictionary
يا ئاللا[يەشمىسى:] ① «ئىي ئاللا، ئەي خۇدا، خۇدايا» دېگەن مەنىدە، خۇداغا مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يا ئاللا، ئارسلانلىرىمىزغا كۈچ-غەيرەتنى يار قىلغايسەن، كۆپچىلىكنى ئامان قىلغايسەن، دېدى بوۋاي نالە قىلىپ.[يەشمىسى:] ② ھەيران بولۇش، زوقلىنىش، ھاياجانلىنىش، تېڭىرقاش، قورقۇش، زارلىنىش، قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمەستىن كەلگەن جامائەت تۆت يۈز چارەك گۈرۈچنىڭ ئېشىنى چۈش-پېشىنگە قالماي يەپ بولدى... يا ئاللا، يۇرت دېگەن مانا شۇنداق تولا گەپ ئىكەن. * يا ئاللا سەن بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن، دېدى سۇلايمان بەكرىگە قاراپ. * يا ئاللا، يېزىپ بولدۇم دەيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدىكەن-ھە دېدى زەپەر كايىغان تەلەپپۇزدا.