UyghurMain Dictionary
ياراتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماقۇل كۆرمەك، ياخشى كۆرمەك.
يار مېنى ياراتمىسا، ئۆزگە يەردىن يار تۇتاي. ئوت سۇنى ياراتمايدىغان بولسا، سۇ ئوتنىڭ نېمىسىنى ياراتسۇن!؟ قولىدىن كېلىدىغىنىنى ياقتۇرماس، ياقتۇرغىنى قولىدىن كەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر يېڭىلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، بەرپا قىلماق، ئىجاد قىلماق؛ تۇغدۇرماق.
ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس (ماقال).
يارىتىش خۇدادىن، يارىلىش ئۆزۈڭدىن (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<يارىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
مەن پۇتۇمنى ياراتمايمەن، پۇتۇم مېنى ياراتمايدۇ (ماقال).