UyghurMain Dictionary
يارادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يارىدى.
ئول نەڭ ئاڭار يارادى _ ئۇ نەرسە ئۇنىڭغا يارىدى ( يارار _ ياراماق). ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ماس كېلىشى ۋە يارىشىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئاتا تونى ئوغۇلقا ياراسا ئاتاسىن تىلەمەس _ ئاتىسىنىڭ تونى ئوغلىغا يارىسا، ئاتىسىنى خالىماس. يەنى ئاتىسىنىڭ كىيىمى ئوغلىغا ياراپ قالسا، ئۇنى مىراس قىلىپ ئېلىش ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ ھايات تۇرۇشىنى خالىمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ باشقا بىر مەنىسىمۇ بار: ئۇ ۋاقىتتا ئوغۇل ئاتىسىغا مۇھتاج بولمايدۇ. ئوغۇزلارنىڭ « يول ياراسۇن _ يولىڭىز ياراشسۇن، ئاق يوللۇق بولۇڭ» دېگىنىمۇ مۇشۇ سۆزدىن ئېلىنغان.
3 - 117