يانماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسلىي كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك، قايتماق:[مىسال:] ئۆيگە يانماق. بازاردىن يانماق. * ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس (ماقال). * يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② چېكىنمەك، قايتماق:[مىسال:] ئەتىگەنكى مۇشتتىن يانما (ماقال). * ئۇ ئەتىگەندە سودىدىن يانسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، باھا تالاشمايلا خېرىدارنىڭ دېگىنىگە بېرىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ قارشىلىق قىلماق، دىۋىنماق، ئۆكتە قوپماق:[مىسال:] ئوغلى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا دادىسىغا يېنىپ يولسىز تاكاللاشتى.[يەشمىسى:] ④ سوۋۇماق، پەسەيمەك:[مىسال:] كەيپى يانماق. قىزىتمىسى يانماق.[يەشمىسى:] ⑤ قاتتىقلىق دەرىجىسى بوشىماق، چىڭلىقى يوقالماق:[مىسال:] كامانچىلىق چالغۇلار ئادەتتە ئاسان يېنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋاز مۇقىملىقى باشقا چالغۇلارغا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ توختىماق، ۋاز كەچمەك، قايتماق، بوشىماق:[مىسال:] بىزنى بوزەك قىلىدىغان ئەختەمبايدەك ئادەملەر بىلەن بولىدىغان كۆرىشىمىز تېخى بار، كۈرەش قىلىشتىن يانمايمىز.[يەشمىسى:] ⑦ چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم كېلىپ مەن يېقىلغان يەرگە يانچۇقۇمدىن يېنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكا، تونۇشتۇرۇش قەغىزى ۋە بېلەت قاتارلىقلارنى توپىلىرىنى قېقىۋېتىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.