UyghurMain Dictionary
يانكى
دۇنيا تارىخى
ئىنگلىزچە Yankee نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅦ ئەسىردىكى گوللاندىيە تىلىدىن مەيدانغا كەلگەندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك ۋە ھەزىل قىلىش پۇرىقى بار. ئىككى مەنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يېڭى ئىنگلىزلارنى مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ، بۇنى <شىماللىقلار> دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ؛ يەنە بىرى، غەيرىي ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىلىقلارنىمۇ مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ، بۇنى <ئامېرىكىلىقلار> دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ.