UyghurMain Dictionary
يانۇس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئىشىك ئىلاھى. ھەممە ئىشلارنىڭ باشلىنىشىنى ئىدارە قىلىدۇ شۇنداقلا بارلىق شەيئىلەرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە خەيرلىك بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىملىقلار ھەرئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ياكى ھەر كۈنى سەھەردە يانۇسقا دۇئا قىلىپ، ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىشنى تىلەيتتى. لاتىن تىلىدا 1 - ئاي يانۋار دەپ ئاتىلىدۇ. رىم ئاقچىسىغا يانۇسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئوڭ - سول خىل قىياپەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرىدىكەن، ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بىرى ئۆتمۈشكە، يەنە بىرى كەلگۈسىگە قاراپ تۇرىدىكەن. رىمدىكى ئاممىۋى ئىمارەتلەر ۋە ئادەتتىكى تۇرار جايلارنىڭ ئىشكىلىرىدىمۇ يانۇسنىڭ سۈرىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ <كىرىش - چىقىش ئېغىزى> دېگەن مەنىسىمۇ بار. قەدىمكى رىم مەيدانىغا يانۇس ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى چوڭ دەرۋازىسى بار ئىكەن، بۇ دەرۋازىلارنىڭ بىرى بىر كۈننىڭ باشلىنىشىغا، يەنە بىرى شۇ كۈننىڭ ئاخىرلىشىغا سىمۋول قىلىنغانىكەن؛ ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇ دەرۋازىلار ئىچىلىدىكەن، تىنچلىق ۋاقتىدا تاقىلىدىكەن، بۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا يانۇسنىڭ رىملىقلارنىڭ جەڭگە ئاتىلىنىشغا ياردەمدە بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تىنچ - ئامان ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. يانۇسنىڭ ئىلاھلىقى خېلى كەڭ بولۇپ، ئېيتىلىشچە ئۇ يەنە دېھقانچىلىق، قۇرۇلۇش، ساياھەت، پۇل قۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ باشقۇرىدىكەن.