UyghurMain Dictionary
ھىندى دىنى
دۇنيا تارىخى
يېڭى براخمان دىنى دپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە كەڭ تارقالغان دىن. مىلادى Ⅳ ئەسىر ئەتراپلىرىدا براخمان دىنى بۇددا دىنى، جاينا دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن يەرلىك ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان. Ⅷ - Ⅸ ئەسىرلەردە شانكارانىڭ ئىسلاھاتى بىلەن پەيدىنپەي شەكىللىنىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. ھىندى دىنىنىڭ ئەقىدە -ئېتىقادلىرى بەك مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىق مۇقەددەس كىتابلىرى: <ۋېدا>، <ئۇپانشاد>، <پۇرانا>، <ماھابھاراتا>، <رامايانا> لاردىن ئىبارەت. ۋشنۇ مەزھىپى بىلەن شىۋا مەزھىپى بۇ دىندىكى ئاساسلىق مەزھەپلەردىن ئىبارەت. ⅨⅩ - ⅩⅩ ئەسىرلەردىكى كۆپ قېتىملىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق بۇ دىننىڭ مەزمۇنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئەنئەنىۋى قانۇن - نىزام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅨⅩ ئەسىردىن كېيىن زور مىقداردىكى ھىندى دىن مۇرىتلىرى چەت ئەللەرگە كۆچۈپ بارغاچقا بۇ دىن ئاسىيا، ئافرىقىلارغا تارالغان. ⅩⅩ ئەسىردە مۇرىتلىرى 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.