UyghurMain Dictionary
ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار تەشكىلاتى بولۇپ، 1919 - يىلى قۇرۇلدى. دېۋباند 1919 - يىلى قۇرۇلدى. دېۋباند (ھىندىستاننىڭ شىمالىي شتاتىدا) مەدرىسىدىكى ئۆلىمالارنى ئاساس قىلدى. سىياسىي جەھەتتە ھىندىستان كونگرىس پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زوراۋانلىقسىز <ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى> ئارقىلىق ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ سەييىد ئەھمەدخان ئوتتۇرىغا قويغان بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىغا، يەنى <ئىككى مىللەت> نەزەرىيىسىگە قارشى تۇردى. تۈركىيە سۇلتانىنىڭ پان ئىسلام ھەرىكىتىنى قوللاپ، ئىسلام دىنى ئىرق، رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بۆلگۈنچىلىك مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، دەپ قارىدى. 1942 - يىلىدىن كېيىن، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىدا ئاپتونومىيىلىك ئۆلكە قۇرۇش كېرەكمۇ ياكى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ پەيدا بولدى. سابىر ئەھمەد ئوسمانى (1985 - 1949) بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىغا قاتناشتى ھەمدە ئۆلىمالار جەمئىيىتىنى ئايرىم قۇرۇپ، پاكىستان ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئازاد ۋەكىللىكىدىكى بۇرۇنقى جەمئىيەت ئەزالىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە بىر مەھەل قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. جۈملىدىن ھىفىز رەھماننىڭ <ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى>، مۇھەممەد سىياننىڭ <زامانىمىزدىكى سىياسىي، ئىقتىساد مەسىلىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.