UyghurMain Dictionary
ھىندى ئارىيانلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى. ئارىيانلار ئەسلىدە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۆزلىرىنى <ئارىيان> دەپ ئاتىغان، ئادەتتە ئۇلارنىڭ يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ قارالماقتا. ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا كىرىپ، ھىندى - ئارىيانلار دەپ ئاتالغان (يەنە بىر تارمىقى ئىرانغا كىرىپ، ئىران -ئارىيانلار دەپ ئاتالغان). ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. بۇرۇن بەزى ئالىملار <ھىندى دەرياسى مەدەنىيىتى> نىڭ ۋەيران بولۇشىنى ھىندى - ئارىيانلارنىڭ باسقۇنچىلىقىغا تىركەپ قويغان. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھىندى دەرياسى مەدەنيىتىنىڭ ھالاكىتى ھىندى - ئارىيانلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىدىن Ⅲ ئەسىر بۇرۇن بولغان بۇلۇشى ئېھتىمال. ھىندى - ئارىيانلار ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پەنجاپ ۋادىسىنى ئىگىلەپ، يەرلىك ئاھالىنى بۇيسۇندۇرۇپ، كېيىن يەنە گانگ دەريا ۋادىسى ۋە جەنۇبىي ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن، نەتىجىدە جەنۇبىي ئاسىيا ۋە 2 - چوڭ قۇرۇقلۇقى تارىخى سەھنىسىدە ئاساسىي رولچى بولۇپ قالغان.