UyghurMain Dictionary
ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكى
پسىخولوگىيە
ئاران پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئەڭ ئاستا ھەرىكەت تېزلىكى ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى مېتر ئارىلىقتىكى نەرسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدراك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكى تەخمىنەن 0.6 مىللىمېتر بولىدۇ. («ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ يۇقىرى چېكى» گە قاراڭ).