UyghurMain Dictionary
ھەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھەر، ھەربىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھەربىر، پۈتۈن: ھەركەس - ھەر بىر ئادەم، پۈتۈن خەلق؛ ھەرناسىل - ھەر نىچۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئال. كۆزدە تۇتۇلغان بىر خىل نەرسىلەرنى ۋە ئادەملەرنى بىر - بىرىدىن تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ھەر كىشى. ھەر باھار.
ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا (ماقال).
ئال <بىر> سۆزى بىلەن بىرىكىپ، مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ ھەربىرىنى ياكى بىردىن يۇقىرى سانلار بىلەن بىرىكىپ، مەلۇمكۆپ سانلىق شەيئىنىڭ شۇ سان ئىچىدىكى بىرلىكلىرىنىڭ ھەربىرىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەربىر ئوقۇغۇچى بىر پارچىدىن ماقالە يازدى.
بۇ دورىنى ھە تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئىچىسىز.
بۇ دورىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئىچىسىز.
ھەر سەككىز كۈندە بىر نۆۋەت بارىمەن.
سۈپ. كۆپىنچە كۆپلۈكتىكى ئىسىم ئالدىغا كېلىپ، ئاشۇ ئىسىمدىن ئىپادىلەنگەن ئادەم ياكى نەرسىنى ماختاپ، ئاشۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۆيىدە ھەر كىتابلار بار.
پېلەكلەرگە ھەر يوغان تاۋۇزلار چۈشكىلى تۇردى.
رەۋ. ۋاقىت - سائەت ۋە جاي، تەرەپ مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ، پەيت ۋە ئورۇننى بىلدۈرگۈچى قوشما رەۋىشلەرنى ياسايدۇ.
ھەر مەھەل. ھەريان. ھەر سەپەر.
رەۋ. بەزى ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ شۇ ئىسىم ياكى سۈپەت بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ باشقا بىر تۈرىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەرخىل ئۆيلەر. ھەر ساھە كىشىلىرى. ھەر ياڭزا گۈللەر.