UyghurMain Dictionary
ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ يۇقىرى چېكى
پسىخولوگىيە
كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ھەرىكەت تېزلىكى، ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ يۇقىرى چېكى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئوبيېكتىپ ئىككى مېتىر ئارىلىقتا بولغاندا، يۇقىرى چەك تەخمىنەن سىكۇنتىغا 600 مىللىمېتر بولىدۇ. ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشنىڭ پەرق ئېتىش چېكى ۋېبېر قانۇنىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەلۇم بىر تېزلىكنىڭ تېزلىشى ياكى ئاستىلىشى مۇئەييەن نىسبەتكە يەتكەندە تېزلىكتىكى ئۆزگىرىشنى ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ