UyghurMain Dictionary
ھەربىي خەرىتە
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىشى خەرىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بەزىلـەر خـەرىـتـىـنـى »ھەربىي يۈرۈشتىكى ئۈنسىز يول باشلىغۇچى«، »ئارمىيىنىڭ كۆزى«گـە ئوخشىتىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، خەرىتە ئارمىيىنىڭ جەڭ قىلىش ۋە جەڭگە قوماندانلىق قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورالىغـا ئايلانـدى.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى نورماندىيە جـېـڭـىـدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈچ گۇرۇپپىۋى ئارمىيىسىنىڭ30 دىۋىزىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسىنىـڭ5000 دىن ئارتۇق پاراخـوتـى،12 مـىـڭ800 دىـن ئارتـۇق ئايـروپـىلانـى، تەخمىنەن2 مىليون ئادىمى بولۇپ،3000 خىلغا يېقىن، جەمئىي70 مىليون نـۇسـخـا خەرىتە ئىشلەتكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى چـاۋشـيەنـگـە تـاجـاۋۇز قـىـلـغـانـدا،1 - ئېيىدا4 دىۋىزىيە قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭگە قاتنىشىپ،10 مىليون پـارچـە خەرىتە ئىشلەتكەن، بۇ1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بارلـىـق خـەرىـتـىـلـەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ. بۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشىـدا يـەر شـەكـلـى خـەرىـتـىـسـى رولىنىڭ بارغانسېرى مۇھىملاشقانلىقىنى، ئىشلىتىلـىـش دائىـرىـسـىـنىـڭـمـۇ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قوشۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي خـەرىـتە ئادەتـتـىـكـى خەرىتىلەرگە ئوخشايدۇ ھەم ئۇنـىـڭـدىـن پـەرقـلـىـنـىـدۇ. ھەربـىـي خەرىتىدە، ئاساسەن، جەڭگە ئېھتىياجلىق، جۈملىدىن، تۈرلۈك يول، دەريـا - ئېقىن، كۆۋرۈك؛ تۈرلۈك يەر شەكلى ماتېرىيـالـلـىـرى، مـەسـىـلـەن، تـاغ، ئېدىر، تۈزلەڭلىك، قۇملۇق، يايلاق، سازلىق قاتارلىقلار بـەلـگـىـلـىـنـىـدۇ. قوشۇنلار خەرىتىگە تايىنىپ يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىدۇ، يۈرۈش لىنـىـيـىـسـى ۋە توختاش نۇقتىسىنى بېكىتىدۇ، خەرىتـىــگـە ئاسـاسـەن، يـەر شەكلىنى تەھلىل قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىلارنى تۈزىدۇ، جەڭنـى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قوشۇنلار ھەربىي خەرىتىدىـن ئايـرىـلـىـپ قـالـسـا، كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەماغا ئوخشاپ قالىدۇ.