UyghurMain Dictionary
ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
<مىلىتارىست دېموكراتىيە تۈزۈمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەتكە قاراپ ئۆتۈش باسقۇچىدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى، مەزكۇر ئۆتكۈنچى باسقۇچ بەزىدە ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىلىق ئانتىروپولوگ مورگان ئۆزىنىڭ <قەدىمكى جەمئىيەت> دېگەن كىتابىدا: يۇناندىكى گومېر (قەھرىمانلىق) دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە)، رىمدىكى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە) ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئازتېك ئىتتىپاقى (ⅩⅣ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە) قاتارلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلىي ئاپپاراتى ھەربىي ئىشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان روھ ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى دۆلەت ئورگىنىغا ئوخشىمايدۇ دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا ئۇ ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى دەپ ئاتىغان. ئېنگېلس ئۆزىنىڭ <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> دېگەن ئەسىرىدە بۇئىبارىنى قوللانغان ھەمدە ئۇنى ئىلمىي ئاساستا شەرھلەپ، ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىيەت دەۋرىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى پۈتكۈل ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمىدە ئومۇميۈزلۈك ئۈچ خىل ئاپپارات - يەنى: ئاقساقاللار كېڭەشمىسى، مەسىلەن: يۇناندىكى بۇلې، رىمدىكى سىنات؛ ھەربىي يولباشچىلار (باش قوماندان) مەسىلەن: يۇناندىكى باسېلېۋس، رىمدىكى رېكىس؛ خەلق يىغىنى، مەسىلەن، يۇناندىكى ئاگورا، رىمدىكى كۇرىيە يىغىنى مەۋجۇت بولغان. ئاقساقاللار كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەربىي يولباشچىلار ئادەتتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ، پۇقرالاردىن تەركىب تاپقان خەلق يىغىنى يەنىلا خېلى ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ئومۇمەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇرۇقداشلىق دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاپپاراتلار روشەن ھالدا ھەربىي تەشكىلاتلىق خاراكتېرگە ئىگە بولغان، ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق، دائىملىق فۇنكسىيىسى بولغان. بەزى ئالىملار ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدا راۋاجلىنىپ پەيدىنپەي دۆلەت ئورگىنىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلىمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن، دەپ قارايدۇ.