UyghurMain Dictionary
گىرائۇد
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1949) فرانسىيە گېنېرالى. 1900 - يىلى سېن - سىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۇنىس ۋە ماراكەشتىكى فرانسىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1922 - 1926 - يىللىرى ماراكەش خەلق قوزغىلڭىنى باستۇرغان. 1927 - 1930 - يىللىرى ھەربىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1930 - يىلدىن كېيىن يەنە ماراكەش ۋە ئالجىرىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1936 - يىلى مېتس ئالتىنچى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى كورپۇسلارنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىر چۈشكەن. 1942 - يىلى 4 - ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، ئافرىقىغا بارغان، ئىتتىپاقداش ئارمىيە شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1943 - يىلى يازدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، دې. گولل بىلەن بىللە فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىردا بۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1944 - يىلى 4 - ئايدا شىمالىي ئافرىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىنمۇ ئىستېپا بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1948 - يىلى فرانسىيە ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. <قېچىشىم>، <بىردىنبىر نىشان، غەلىبە، ئالجىرىيەنىڭ 1942 - 1944 - يىللىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.