UyghurMain Dictionary
گىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆزلەرگە قوشۇلۇپ ئالغۇچى، ئىگىلىگۈچى، تارتقۇچى مەنىلىرىنى ئىپادىلىگۈچى ياسىغۇچى قوشۇمچە:
ھۇسن ئالەم گىرۇ زۇلفۇڭ سۇبھ شامى ئاشىقان،
ھەلقە - ھەلقە كاكۇلۇڭ گوياكى دامى ئاشىقان.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە تۇتقۇچ، ئالغۇچى، تارتقۇچى دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: باد گىر - شامال تارتىدىغان تۆشۈك. كۆچمە مەنىدە بۇرۇن تۆشۈكى؛ دىلگىر - دىلنى ئالغۇچى: يۈرەكنى سىققۇچى؛ سىقىلغان؛ ئىقلىم گىر - يۇرت ئالغۇچى؛ مىيانگىر - قاتناشقۇچى، بەل تۇتقۇچى، بەل ئالغۇچى، چېلىشچى؛ ئارامگىر - ئارام ئالغۇچى، تىنچلانغۇچى، جايلاشقان، ئورناشقان؛ گىرودار - ھۆكۈمرانلىق، ھاكىمىيەت؛ جەڭ، ئېلىشىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى.
«گىر» ئاشلىق ئۆلچەيدىغىنى.
تارازا ئېغىر - يېنىكلىكىنىڭ ئۆلچىمى، ئەمەلىيەت - ھەق ناھەقلىقنىڭ سىناق تېشى. ئادىل سۆز - ئەقىلنىڭ تارازىسى. جىڭنىڭ گۆشى _ جىننىڭ گۆشى. جىڭدا توختايدىغان گەپنى قىل. مىسقالدا ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ پەرقى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچى سايمان، يەنى تارازىلارنىڭ چوڭ بىر خىلى. ئادەتتە يەر ئۈستىگە قويۇلىدۇ. 500 كىلوگراملىق، 1000 كىلوگراملىقلىرى جىق ئىشلىتىلىدۇ؛ 1000 كىلوگرامدىن يۇقىرىلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئېغىرلىقلارنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ.