UyghurMain Dictionary
گىدىي
دۇنيا تارىخى
(1869 - 1951) فرانسىيلىك يازغۇچى ۋە ئوبزورچى. ئۇ كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەنقىد قىلغان، لېكىن چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ۋە غەيرىي ئەخلاقچىلىقنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. 1909 - يىلى <يېڭى فرانسىيە ئوبزورى> ناملىق ژورنالنى نەشىر قىلىشقا ھەمكارلاشقان. 1927 - يىلى كونگوغا بارغاندىن كېيىن <كونگو سەپىرى> ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىكنى تەنقىد قىلغان. 1936 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ، بىر مەھەل سوتسىيالىزمغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مىللىي غۇرۇرىنى يوقىتىپ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا خۇشامەت قىلغان، ئۇنىڭ <يەر - زېمىننىڭ مېۋىسى>، <ئەخلاقسىز كىشى>، <يول بەك تار>، <ۋاتىكاننىڭ يەر ئاستى ئۆيى>، <ساختا پۇل ياسىغۇچىلار> ۋە <ئەدەبىي ئوبزورلار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1947 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.