UyghurMain Dictionary
گلىكونېئوگېنلىنىش
بىئولوگىيە
ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدە قەنت ئەمەس ماددىلاردىن گلۇكوزا (ياكى گلىكوگېن) لارىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىدۇر. پرىنسىپ جەھەتتە گېكسان كىسلاتاسى، پىرۇۋىك كىسلاتاسى ياكى ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسىدىكى ئارىلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلالايدىغان بارلىق ماددىلار ئېچىپ پارچىلىنىشنىڭ قايتما يولى بىلەن پۈتۈنلەي قەنت ھاسىل قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئېچىپ پارچىلىنىشنىڭ بىۋاستە قايتما يولى بىلەن بولمايدۇ، چۈنكى ئېچىپ پارچىلىنىش يولىدىكى پىرۇۋىك كىسلاتا كىنازا رېئاكسىيىسىدىن ئىبارەت بىر باسقۇچى قايتمايدۇ، قالغان ھەر قايسى باسقۇچلىرى ئاساسەن قايتما بولىدۇ. شۇڭلاشقا قانداق قىلىپ بۇ بىر باسقۇچتىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ھالقىلىق مەسىلىدۇر. مىكرو ئورگانىزملاردا پىرۇۋىك كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن، فوسفوئېنول پىرۇۋات كاربوكسىلازىنىڭ تەسىرىدە فوسفوئېنول پىرۇۋاتنى ھاسىل قىلىدۇ. زور كۆپ ساندىكى جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە ئالما (مالىك) كىسلاتا ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە پىرۇۋىك كىسلاتادىن ئالما كىسلاتا (مالىك كىسلاتا) سى ھاسىل بولۇپ، ئاندىن ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتاسىغا ئايلىنىدۇ. ئوخشاشلا ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتاسى فوسفور ئېنول پىرۇۋاتقا ئايلىنىپ، ئېچىپ پارچىلىنىشنىڭ قايتما يولى ئارقىلىق قەنت ھاسىل قىلىدۇ.