UyghurMain Dictionary
گەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئۈستىگە قالغان مەجبۇرىيەت.
<گەپ>، <سۆز>، <لەۋزە> لەر كۆچمە مەنىدىلا <ۋەدە> گە مەنىداش بولىدۇ.
<بەرمەك>، <ئەيلىمەك>، <قىلماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش. ئىككىگە ۋەدە قىلغاندىن بىرنى بەرگەن تۈزۈك. بېرىپسەن ۋەدە، ئەلۋەتتە ۋاپا قىل، ۋاپاسىزلىقنى قەلبىڭدىن جۇدا قىل. پەيمان ئەيلىمەك؛ پەيمان قىلماق. ئەھدىسىدە تۇرمىغان يولدىن ئازار. ئەھدىسىدە تۇرماسلىق كېسەلنىڭ يامىنى. ئەھدۇپەيمانىڭنى ئۇنتۇما. نامەرد گېپىدە تۇرماس. گېپىدە تۇرمىغاندا ئىشەنچ يوق. ئۆزۈڭ سۆزۈڭدە تۇرمىساڭ، ئۆزگىلەرمۇ سۆزىدە تۇرماس. سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول كۆرسەتكەن ئوزۇق. لەۋزە قىلغان ئىكەنسەن، لەۋزىڭدىن يانما. لەۋزىدە تۇرۇش ئىنسانىي خىسلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل تاۋۇشى ياكى تىل تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت مەنە بېرىدىغان تىل بىرلىكى.
«كەلىمە»، «كالام»، «سۇخەن» ئىستېمالدىن قالغان، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ: كەلىمە تەيبە، كالامۇللا، سۇخەنچىلىك قىلماق ...
«سۆز»، «نۇتۇق» لارنىڭ مەنىسى كېڭەيگەن، دوكلات، مەرۇزە م
ئەقىلنىڭ كۆركى تىلدۇر، يىلنىڭ كۆركى سۆز. سۆزدىن سۆز چىقىدۇ، شوردىن تۇز. ھەر ئىلىمدىن ئاڭلىساڭ بىر سۆز، ئۆگەن ئۇنى كېچە - كۈندۈز. باش شۇجى جياڭ زېمىننىڭ لۇشۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگەندۇق. گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە. پاراڭ بار يەردە ساراڭ بار، ساراڭ بار يەردە پاراڭ. لەېزى چىرايلىقنىڭ ئۆزى چىرايلىق. «يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» نى ئۆگەندۇق. كىمدە بىھۇدە سۆز بولسا بىيار، ئۇ نۇتۇق مەجلىسىدە بولار خار. ئاساسىي لۇغەت فوندى؛ لۇغەت تەركىبى؛ لۇغەت مەنىسى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى. ئىنگلىز تىلىدا RNU لېكسىكىسىنىڭ 832 خىل مەنىسى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئېغىز ئارقىلىق ئىزھار قىلىنغان پىكىر؛ نۇتۇق.
ياخشى گەپ تاشنى يارار، يامان گەپ باشنى يارار (ماقال).
ئاساسىي مەقسەت، ئىش، مەسىلە.
ئەمدىكى مۇھىم گەپ، تېخىچىلا ئۆزىنى ئوڭشىيالمايۋاتقان تەلئەتكە ياردەم بېرىش ئىدى.
كۆچمە. پىتنە - ئىغۋا، ئويدۇرما.
گەپ تاراتماق.
ئەھدە، ۋەدە، لەۋز.
گېپىدە تۇرماق.