UyghurMain Dictionary
گلىئوكسىلات ئايلانمىسى
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملار، ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدە ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسىغا ياردەمچى بولىدىغان بىر گلىئوكسىلات ئايلانمىسى تارماق يولى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىزوسترىك كىسلاتا لىئازا (a) مالىك كىسلاتا سىنتېتازا (b) لىرى بولىدۇ. ئىزوسترىك كسىلاتا لىئازا(a) ئارقىلىك سۇكسىنىك كىسلاتا ۋە گلىئوكسىلاتقا پارچىلىنىدۇ. (b) ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە گلىئوكسىلات، ئاتسېتىل CoA بىلەن بىرىكىپ مالىك كىسلاتانى سىنتېزلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىزوسترىك كىسلاتا ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسىدىكى بىر قانچە باسقۇچلۇق رېئاكسىيىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈش بىلەن كاربوكسىلسىزلىنىش رېئاكسىيىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا 5.1 مولېكۇلا C 4 لىك ماددا ھاسىل بولىدۇ. ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسى بىلەن بىۋاستە يۈرسە، پەقەت بىر مولېكۇلا C 4 ماددا ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئايلانما C 4 لىك ماددا بىلەن كۆپرەك تەمىنلەپ، C 2 لىك ماددا (مەسىلەن، ئاتسېتىل CoA) لارنىڭ ئوكسىدسىزلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۈچ كاربوكسىللىق كسىلاتالار ئايلانمىسىغا نىسبەتەن ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ھايۋاناتلاردا ياغ كىسلاتالىرى قەنتكە ئايلىنالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھاسىلاتى بولغان ئاتسېتىل CoA ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسى ئارقىلىق پەقەت ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مىكرو ئورگانىزم، ئۆسۈملۈكلەردە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئاتسېتل CoA گلېئوكسىلات ئايلانمىسى ئارقىلىق ئېچىپ پارچىلىنىشنىڭ قايتما يولى بىلەن قايتىدىن قەنت ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا گلىئوكسىلات ئايلانمىسى يەنى بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.