UyghurMain Dictionary
گيولىتتى
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1928). ئىتالىيەنىڭ باش ۋەزىرى (1892 - 1893، 1903 - 1905، 1906 - 1909، 1911 - 1914، 1920 - 1921)، بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ رەھبىرلىرىدىن بىرى. بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. قانۇن ئوقۇپ ئادۋوكاتا بولغان. 1882 - يىلى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ھەمدە پالامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. كېيىن مالىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان ھەمدە باش ۋەزىرلىكنى بەش قېتىم ئۆتىگەن. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەزى ئەركىنلەشتۈرۈش ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىشچىلارغا بەزى جەھەتتىن يول قويغان. مەسىلەن: دۆلەت ستراخۋانىيىسىنى يولغا قويۇش، ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرشنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ۋەھاكازالار. ئىسلاھاتچى گۇرۇھلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئىتالىيە دېھقانلار ھەرىكىتىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان. كرېدىت كاپىتالى ۋە پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، چېگرا بېجىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ھەبىي خىراجەتنى كۆپەيتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان، تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ (1911 - 1912)، لىپولى، سىرېنايكا دوردىكانىس تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە <بىتەرەپ> گۇرۇھقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە كۈچىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، فاشىستلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، مۇسسۇلىننىڭ رىمغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللىغان. 1924 - يىلدىن كېيىن قارشى مەيدانغا ئۆتكەن.