UyghurMain Dictionary
گىياھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆسۈملۈك، ئوت، گىيا:
ھېچ رويى زەمىندە يوق بۇ گىياھ،
دارۇلار پادىشاھىدۇر كۆك چاي.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گىياھ، ئۆسۈملۈك، ئوت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈك ئىچىدە دەل - دەرەخ، زىرائەت، ئوتياشتىن باشقا غولى يۇمشاق ئۆسۈملۈكلەر.
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق. مەرىگەك قوي چۆپنى ئاز يەيدۇ. ئادەمنىڭ كۈنى كۆپ بىلەن، ھايۋاننىڭ كۈنى چۆپ بىلەن. زەر ياستۇقنىڭ ئىچى ئوت - چۆپ. ئىككى پىل تالىشپ قالسا، ئەتراپتىكى ئوت - چۆپنى چەيلىۋېتىدۇ. گىياھ ئۈنمەيدىغان دەشت - باياۋاندا يەنىلا ھايات بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئوت - چۆپ، ئۇششاق ئۆسۈملۈك.
دورىلىق گىياھ. كەم ئۇچرايدىغان گىياھ.